ئەرمېنىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى
ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى.
1575643
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت چېگرا خىزمەتلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 5 ئەتراپىدا ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغال قىلىپ تۇرۇۋاتقان گازاھ ۋىلايىتىنىڭ ئاشاغى ئەسكىپارا يېزىسىدىكى قىسىملىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئەزەربەيجان ئەسكەرلىرىگە وق چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ ئاپتومات بىلەن 20 قېتىم ئوق ئاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى سۈرگىنى ۋە چەركەز سۈرگۈنىنى خاتىرلەپ بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قىرىم تاتارلىرى ۋە كاۋكازدىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.