قاراباغدا تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق مەركىزى پائالىيەتلىرىنى باشلىدى

تاغلىق قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۆزىتىدىغان تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق مەركىزى بۈگۈن پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

1574073
قاراباغدا تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق مەركىزى پائالىيەتلىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاغلىق قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۆزىتىش ۋە كونترول قىلىش مەقسىتىدە تەشكىل قىلىنغان تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق مەركىزىگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم لايىھەسى 11 – نويابىر كۈنى ئىمزالانغانىدى.

تۈركىيە، بىر گېنېرال ۋە 38 ھەربىي خادىم بىلەن  ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئورتاق مەركەز ئارقىلىق رايوندا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىزچىللىقى، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشقا ھەسسە قوشىدۇ.

ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەلىرىدە ئۇرۇش توختىتىشنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق مەركىزى، ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان ئاغدام شەھىرىدە قۇرۇلدى.

كېلىشىم ئىمزالانغاندىن بۇيان، تۈركىيە – رۇسىيە ھەيئەتلىرى، مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت ئىشلەۋاتاتتى. قۇرۇلۇشى تاماملانغان ۋە تۈركىيە – رۇسىيە ئەسكەرلىرى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئورتاق مەركەز، بۈگۈندىن ئېتىبارەن پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر