ئەزەربەيجان تۈركىيەنى قوللاش مەيدانىنى نامايان قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ: «ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە قارشى چىقارغان ‹S-400› ئېمبارگو قارارىنى ‹قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ›، ‹ئادالەتسىزلىك› ۋە ‹قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ بىر كۆرسەتكۈچى›» دەپ ئاتىدى.

1545634
ئەزەربەيجان تۈركىيەنى قوللاش مەيدانىنى نامايان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ مەسلىھەتچىسى ھىكمەت ھاجىيېۋ ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە قارشى چىقارغان ئېمبارگو قارارى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا تۆۋەندىكى ئىپادىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى:

«پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيەگە قارشى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا چىقارغان ئېمبارگولارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ناتوغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر ئوخشاش ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ۋاقىتتا، تۈركىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئادالەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بۇ ئەھۋالنى قوش ئۆلچەم ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ بىر كۆرسەتكۈچى دەپ قارايدۇ.

پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ئېمبارگولارنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش قەدەملىرىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيەنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك گۇرۇپپا دائىرىسىدە ئوبيېكتىپ مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپلىرى جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.»

ئۇ ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيەنى، تۈركىيەنىڭمۇ ئەزەربەيجاننى قوللىغانلىقىنى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر دائىم بىر-بىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، 10-دېكابىر (2020) پايتەخت باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن زەپەر پاراتى مۇراسىمىغا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنىڭ، بۇ ئىتتىپاقلىقنىڭ مىسالى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «S-400» ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىلىرى سېتىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە قارشى بەزى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر