بۈگۈن ئىستىقلال شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 80 – خاتىرە يىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 80 – خاتىرە يىلى ئىستانبۇل ئەدىرنە كاپى شېھىتزارلىقىدىكى مەقبىرىسىدە ھۆرمەتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش پائالىبەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن خاتىرلەندى.