نائىم سۇلايمانئوغلۇ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى

ئۈچ قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چىمپېيونى بولغان نائىم سۇلايمانئوغلۇ 19-نويابىر ئىستانبۇلدا 50 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى ئىستانبۇلدىكى فايىھ جامەسىدە چۈشۈرۈلدى. باش مىنىستر بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقىنىڭ ۋەكىلى ئاكىف ھامزاچەبى، تەنتەربىيە مىنىستىرى ئوسمان ئاشىك، سىياسەت ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدە تونۇلغان نۇرغۇن كىشىلەر مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزىغا قاتناشتى. بويى 1.47 مېتىر بولغان نائىم سۇلايمانئوغلۇ 1988-يىلى سېئۇلدا، 1992-يىلى بارسېلونا ۋە 1996-يىلى ئاتلانتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدا ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە چىمپېيون بولۇپ، تۈركىيەگە شەرەپ كەلتۈرگەن ئىدى.