قارا دېڭىزدا ئەنگلىيە-رۇسىيە زىددىيىتى كەسكىنلەشمەكتە
رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قارا دېڭىزدا ئەنگلىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىغا قارشى كۆككە كۆتۈرۈلدى.
2167118
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى كونترول قىلىش ۋاستىلىرىنىڭ قارا دېڭىزدا چېگراغا يېقىنلاشقان بىر توپ ھاۋا ۋاستىلىرىنى بايقغانلىقىنى بىلدۈردى.
بايقالغان ھاۋا ۋاستىلىرىنى بىلىش ۋە چېگراغا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «Su-27» تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ كۆككە كۆتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دانە تايفۇن (Eurofighter) ئايروپىلانى بىلەن (RC-135 ) تىپلىق ئىستراتېگىيەلىك چارلاش ئايروپىلانى ئىكەنلىكى بايقالدى. ئايروپىلانلىرىمىز ئۇلارغا يېقىنلاشقاندا، دۆلىتىمزنىڭ چېگراسىدىن يىراقلاشتى. رۇسىيە ئايروپىلانلىرى بىتەرەپ رايون ھاۋا تەۋەلىكىدە، خەلقئارالىق قائىدەلەر ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە تولۇق بويسۇنغان ھالدا بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇردى» دېيىلدى.
رۇسىيە ئارمىيەسى ئۆكتەبىردە (2023) قارا دېڭىزدا «Su-27» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلار بىلەن ئەنگلىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ قارىمۇ قارشى ھالغا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئوربان بۈگۈن تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدۇ
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.