فىدان: تۈركىيە نۆۋەتتە بارلىق سەھنىلەردە ئورۇن ئالماقتا

مىنىستىر خاقان فىدان بىر ئىپتار پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەدە جىددىي ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى مەسىلىسىدە «ئىسرائىلىيە رەھىمسىزلىكى بىلەن يالغۇز قالدى» دېدى.

2120938
فىدان: تۈركىيە نۆۋەتتە بارلىق سەھنىلەردە ئورۇن ئالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان بىر ئىپتار پىروگراممىىسدىكى سۆزى جەريانىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كېچە-كۈندۈز دېمەستىن خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، كۈرەش قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، دۆلەتنىڭ مىللىي گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى، بۇنىڭ «تۈركىيە ئەسىرى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، نۆۋەتتە بىز ھەر ساھە ۋە ھەر بىر ئۈستەلدە مەۋجۇتمىز» دېدى.

مۇداپىئە سانائىتىدىكى يەرلىكلىشىش ۋە مىللىيلىشىش نىسبىتىنىڭ %80 لەرگە چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان: «كۈچلۈك سىياسىي ئىرادە، زورايغان مىللىي ۋسىتە ۋە ئىقتىدارنى بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېلىنى سۇندۇردۇق. كىمنىڭ ئارقىسىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورلۇق كارىدورىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويمىدۇق، يول قويمايمىز» دېدى.

دۇنيانىڭ مۇرەككەپ ۋە مۈشكۈل جەرياننى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن خاقان فىدان: «بۈگۈن ھەر خىل قىيىن شارائىتلارغا قارىماي، بىز ئۇكرائىنا، غەززە، جەنۇبىي كاۋكاز، ئىراق، لىۋىيە ۋە بالقان رايونىدا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مەۋجۇتلۇقىمىزنى، ئىرقداشلىرىمىزنى ۋە دىنىي قېرىنداشلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، ئۆزلىرىنىڭ پەلەستىن دەۋاسىنى قوللاۋاتقانلىقلىرىنى بايان قىلىپ: «خەلقئارا بېسىمىمىزنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش چاقىرىقى توغرىسىدىكى ئاخىرقى قارارمۇ بۇنىڭ ئىپادىسى. بۇ قېتىم ھەتتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىدى. ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ رەھىمسىزلىكى بىلەن يالغۇز قالدى. بىز غەززەدىكى زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە پەلەستىن دۆلىتى پۇت تىرەپ تۇرىدىغان ئادىل تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن، بارلىق سەھنىلەردە پەلەستىننىڭ ئاۋازى، نەپىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر