تۈركىيە: ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززە قارارىنى ئىجرا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماقۇللانغان غەززە قارارىدا كۆرسىتىلگەن تەلەپلەرنى بالدۇرراق ئورۇندىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2120253
تۈركىيە: ئىسرائىلىيەنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززە قارارىنى ئىجرا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۈنۈگۈن ماقۇللانغان 2728 (2024) - نومۇرلۇق «غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان» قارارى توغرىسىدىكى سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇرۇپ: «بىز ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رامىزان ئېيىدا غەززەدە جىددىي ئۇرۇش توختىتىش شۇنداقلا غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئىجابىي قەدەم دەپ قارايمىز. بىز ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قارارنىڭ تەلەپلىرىنى مۇمكىنقەدەر تېز ئورۇندىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ غەززەدىكى تىراگېدىيەنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

غەززەدە سىجىللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان شەكىلدە «رامىزاندا دەرھال ئۇرۇش توختىتىش» توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «بىتەرەپلىك»ىنى ساقلاپ قالغان قارار لايىھەسى 14 ئەزا دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر