قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدا 2 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

دۆلەت ئىچى ۋە چېگرا سىرتىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشماقتا.

2119848
قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدا 2 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچىنىڭ بايقالغانلىقى ۋە ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «بىزنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەرىكەتلىرىمىز ئاخىرقى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ» دېيىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر