تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى كېلەر ھەپتىدىن ئېتىبارەن لىۋىيەگە ئۇچۇشنى باشلايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى  10 يىلدىن كېيىن كېلەر ھەپتە تۇنجى قېتىم لىۋىيەگە ئۇچۇشنى باشلايدۇ.

2119360
تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى كېلەر ھەپتىدىن ئېتىبارەن لىۋىيەگە ئۇچۇشنى باشلايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە باش مىنىستىرى ئابدۇلھەمىد دىبەيبە بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئابدۇلھەمىد دىبەيبە باياناتىدا: «ئەلھەمدۇلىللاھ، 10 يىلدىن كېيىن، تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى كېلەر ھەپتىدىن ئېتىبارەن لىۋىيەگە نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناشنى قايتا باشلايدىغان بولدى» دېدى.

ئابدۇلھەمىد دىبەيبە تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ لىۋىيەگە ئۇچۇشنى باشلىشىنىڭ لىۋىيدىكى مۇقىملىقىنىڭ نامايەندىسى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا تۆھپە قوشقان ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىغا ۋە لىۋىيەدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا رەخمەت ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى  باش دېرىكتورى بىلال ئەكشى ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «لىۋىيەگە ئۇچۇشلىرىمىز باشلىنىدۇ، ھەپتىدە 3 قېتىم ئۇچىمىز، ئايروپىلان بىلەتلىرىمىز سېتىشقا ئېچىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر