شىمالىي ئىراقتا 12 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى —پ ك ك ئەزاسى 12 تېرروچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2119228
شىمالىي ئىراقتا 12 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى؛ باياناتتا: «<پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى 12 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. قەھرىمان تۈركىيە قىسىملىرىمىز تېررورلۇق ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر