جېف فلېيك: تۈركىيەگە ئوخشاش رايونلۇق كۈچلەر بولماي تۇرۇپ، غەززە مەسىلىسىگە چارە تېپىش تەس

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جېف فلېيك: «تۈركىيەگە ئوخشاش رايونلۇق كۈچلەر رول ئوينىماي تۇرۇپ، غەززە مەسىلىسىگە چارە تېپىش تەس» دېدى.

2115810
جېف فلېيك: تۈركىيەگە ئوخشاش رايونلۇق كۈچلەر بولماي تۇرۇپ، غەززە مەسىلىسىگە چارە تېپىش تەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: MSNBC قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتناشقان باش ئەلچى جېف فلېيك، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەيدانى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «شىمالدا ئۇكرائىنادا ئۇرۇش بار، جەنۇبتا غەززەدە ئۇرۇش بار، تۈركىيە بۇ ئىككىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىىسدا. خەلقىنىڭ %97 ى مۇسۇلمان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەلەستىنلىكلەرگە چوڭقۇر يېقىنلىق ھېس قىلىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭلاشقا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە كىرىپ، قىلغان ئىشلىرىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلىۋاتىدۇ. بىر كېپىل دۆلەت سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشقا ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن، رايوندىكى باشقا شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاشلا ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايدۇ. شۇڭلاشقا، مەن <بىز بىرلىكتە ھەرىكەت قىلالايمىز> دەپ ئويلايمەن. تۈركىيەگە ئوخشاش رايونلۇق كۈچلەر رول ئوينىماي تۇرۇپ، غەززە مەسىلىسىگە چارە تېپىش تەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى فلېيك تۈركىيەنىڭ يەنە ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىمۇ قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇكرائىنانىڭ تۈركىيەدىن سېتىۋالغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر