مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ياسىن ئەكرەم سەرىم قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

ياسىن ئەكرەم سەرىم شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك گۇرۇپپا يىغىنىغا توردىن قاتناشتى.

2114728
مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ياسىن ئەكرەم سەرىم قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ياسىن ئەكرەم سەرىم شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياۋروپا ئىقتىساد كېڭىشىنىڭ يەر شارى كۆچمەنلەر ئەھدىنامىسىنى ئىككىنچى قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى» دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ سىنلىق نۇتۇق سۆزلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى تەرىپىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان يازمىسىغا ئاساسلانغاندا، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ياسىن ئەكرەم سەرىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياۋروپا ئىقتىساد كېڭىشىنىڭ يەر شارى كۆچمەنلەر ئەھدىنامىسىنى ئىككىنچى قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىدا توردىن تونۇق سۆزلەپ، تۈركىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلغان.

ياسىن ئەكرەم سەرىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە ئادىل يۈك تەقسىملەش ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى شۇنداقلا كۆچمەنلەر كىرىزىسىغا قارشى بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر