تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى <ئاتماجا> مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ، يەرلىك تۇربوجېت ماتورلۇق  >KTJ-3200> پاراخوتىدىن  ئېلىپ بېرىلغان مەشىق ئېتىشتا، نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىتچىت قىلدى.

2113506
تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى <ئاتماجا> مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى بىلەن راكېتا سانائىىتى ۋە سودا ھەسسىدارلىق شىركىتى بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان <ئاتماجا> لايىھەسى دائىرىسىدە، يەرلىك ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلغان تارماق سىستېما ۋە زاپچاسلارنى دەلىللەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مەشىق ئېتىشتا، نىشاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى تەكىتلەندى.

جۇمھۇر رەئىسلىك  مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور خالۇك گۆرگۈن: «يەرلىك موتورىمىز ئارقىلىق كۈچەيتىلگەن يەرلىك سۇپىلىرىمىز، مۇداپىئە سانائىتىنىڭ تولۇق مۇستەقىل بولۇش نىشانىغا ھەسسە قوشىماقتا، مەيداندىكى ئويۇنلارنى ئۆزگەرتمەكتە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر