ئابباس بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنى كۈتۈۋالىدۇ.
2111023
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن مەھمۇد ئابباس ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە تۈركىيەنىڭ كېپىللىك تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.