فىدان ئامېرىكادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 7-، 8-مارت كۈنلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2111422
فىدان ئامېرىكادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، فىداننىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 7-قېتىملىق تۈركىيە-ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك مېخانىزم يىغىنى دائىرىسىدە، ئالاقىدار تەرەپلەر ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

تەرەپلەر يەر شارى ۋە رايون خاراكتېرلىك مۇھىم ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە تەپسىلىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

فىداننىڭ ۋاشىنگتوندىكى زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن سۆھبەتلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

خاقان فىدان زىيارەت دائىرىسىدە يەنە ئاقىللار ئامبارلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگىمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر