فىدان جىددەدە چاقىرىلىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خاقان فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
2111186
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 2024-يىلى 5-مارت جىددەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان <ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ھۇجۇملىرى> تېمىلىق پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.