شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2109740
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛ باياناتتا: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىندى. زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىمىز رايوندىكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلىپ بولغۇچە قەتئىي داۋام قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.