خىتاي تېلېۋىزىيەلىرى تۈركىيەنىڭ مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى <كائان> نى خەۋەر قىلدى

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى غا چەتئەل مەتبۇئاتلىرى زور قىزىقىش كۆرسەتمەكتە.

2106985
خىتاي تېلېۋىزىيەلىرى تۈركىيەنىڭ مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى <كائان> نى خەۋەر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدە <كائان> غا ئالاقىدار خەۋەرلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابونتلىرى تۈركىيەنىڭ 5 - ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانىغا مەدھىيەلەرنى ياغدۇرماقتا.

ياپونىيەنىڭ <ANN> خەۋەر قانىلىنىڭ <كائان> غا ئالاقىدار خەۋەرلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن باشقا يەنە ياپونىيە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئابونتلىرىنىڭ ماختاشلىرىمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئىنكاسلاردا: «تۈركىيە مۇستەقىللىق ئېڭى بىلەن ئەنگىلىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىنمۇ كۈچلۈك ھالغا كەلدى»، «تۈركىيەگە سەل قارىماڭلار، ئۇلار قايتىدىن يۈكشىلىشكە ئۆتتى»، «تۈركىيەنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارى ناھايىتى قالتىسكەن» دېگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

خىتاي تېلېۋىزورلىرىمۇ <كائان> نىڭ تۇنجى ئۇچۇشىنى ئېكرانلاردا كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ شاڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قىلغان خەۋەرلىرىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «تۈركىيە 5 - ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىشلەپچىقىرىشتا يەنە بىر ھالقىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتتى. تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە سانائىتى شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ۋە ئىككى تۇربو موتور سەپلەنگەن ھەمدە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشلىرىدا ئۆزگىچە ئىقتىدارغا ئىگە بولغان <كائان> كۈرەشچى ئايروپىلانىمىز تۈركىيەنىڭ ھازىرقى F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى ئىشلەتتى

تۈركىيەنىڭ يەرلىك ۋە مىللىي ئۇرۇش ئايروپىلانى <كائان> نىڭ F-16 ئايروپىلانلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىىشى ۋە چەت ئەللەرگە ئېكسپورت قىلىنىشى پىلانلانماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر