فاخرەتتىن ئالتۇن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇچۇر- ئالاقە مىنىستىرلىرى پەۋقۇلئاددە يىغىنى دائىرىسىدە ئۆزئارا ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

2106966
فاخرەتتىن ئالتۇن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولدى
altun-iit gorusmeler1.jpg
altun-iit gorusmeler.jpg
tahsin ertugruloglu-altun.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاخرەتتىن ئالتۇن تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، بېنگالنىڭ ئۇچۇر – ئالاقا ۋە نەشرىيات مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلى ئارافات، گۋىنىيە-بىسساۋ ئىجتىمائىي ئالاقە مىنىستىرى مارىيا دا كونسېيكاۋ ئېۋورا، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋە ئىسلامىي دەۋەت ئىشلىرى مىنىستىرى دوكتور مۇھەممەد مەھدى ئىسمائىلى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇلئوغلۇ، نىگېرىيە ئۇچۇر - ئالاقە، پوچتا ۋە دىجىتال ئىقتىساد مىنىستىرى راليو سىدى مۇھەممەد ۋە سومالى ئۇچۇر - ئالاقە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى داۋۇد ئاۋۋېس جاما بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىلاردا، ئىسرائىلىيەنىڭ 7- ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇمى ۋە خەلقئارالىق جامائەت پىكىرىنى قايمۇقتۇرىدىغان يالغان خەۋەر ۋە تەتۈر تەشۋىقات پائالىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە زۇلۇملىرى نەتىجىسىدە پۇقرالاردىن باشقا يەنە 130 ژۇرنالىستنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان فاخرەتتىن ئالتۇن ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقنى قىرغىن قىلىش جەريانىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ۋە جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق ئاخباراتلاردىن شۇنداقلا  ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئاكتىپ  پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

فاخرەتتىن ئالتۇن تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ يالغان خەۋەر، خاتا ئۇچۇر ۋە توقۇلما مەزمۇنلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دەسلەپكى كۈندىن تاتىپلا ئىسرائىلىيەنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان يالغانچىلىقلىرىنى بىر-بىرلەپ ئېنىقلاپ ئاشكارىلىغانلىقىنى ئېيتتى.  

فاخرەتتىن ئالتۇن ئىسرائىلىيەنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى پاش قىلىشنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىمۇ پاش قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە بولۇپمۇ دىپلوماتىيە قاتارلىق ئىسرائىلىيەگە قارشى قولىدىكى بالىق ئىمكانىيەتلەرنى تولۇق ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە ئىسرائىلىيە ئېلىپ بارغان تەتۈر تەشۋىقاتلارغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن بارلىق دۆلەتلەرنى ھەمكارلىشىشقا ۋە پەلەستىننىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى قوللاشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر