خاقان فىدان بىرازىلىيەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىرازىلىيەگە يېتىپ باردى.

2105142
خاقان فىدان بىرازىلىيەدە مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى نۆۋەتچى رەئىس بىرازىلىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا رىئودې ژانېيرو شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

2 كۈنلۈك يىغىندا گ20 دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى رولى ۋە يەر شارىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئىسلاھاتىدىكى رولى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىندا يەنە ئۇكرائىنا ۋە غەززەدىكى ئۇرۇشلارنىڭمۇ كۈن تەرتىپكە كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يىغىندا تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق يەر شارىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى  ئىپادىلەيدۇ.

خاقان فىدان يەنە، (ئىسرائىلىيەنىڭ) غەززەدىكى ۋەھشىيلىكىگە خاتىمە بېرىش ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ تەخىرسىزلىكى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىرازىلىيەدىكى ئالاقىلىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.

خاقان فىدان يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان MIKTA (مېكسىكا، ھىندونېزىيە، جەنۇبىي كورېيە، تۈركىيە، ئاۋىستىرالىيە) نىڭ 25 - نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر