سۈرىيەدە بىر تېررورىست تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە سۈرىيە مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىغا ھۇجۇم تەييارلىقىدا بولۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ ئەزاسى ئەھمەت ئالھاج ئۆمەر، ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا سۈرىيەدە تۇتۇلدى.

2100033
سۈرىيەدە بىر تېررورىست تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىدا تىزگىنەكلىك بومبا ياساش ۋە سۈيىقەست قىلىشتا تەربىيەلەنگەن تېررورىست ئۆمەرنىڭ، 2022-2023-يىللىرى ئارىسىدا مۇنبىچ ۋە ئەتراپىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبىلارنى توشىغانلىقى ئېنىقلاندى.

تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇقتىن تازىلىغان رايونلاردا، تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىلەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىغا ھۇجۇم تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان تېررورىستنىڭ، ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ياردىمىنى ئاستىدا سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

تەكشۈرۈشلەردە، نۇرغۇن تىزگىنەكلىك بومبىلار قولغا چۈشۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر