غازىئانتەپتە ساقچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

غازىئانتەپتە ساقچى تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن 2 ئۇچقۇچى شېھىت بولدى.

2097131
غازىئانتەپتە ساقچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدىكى يازمىسىدا، ساقچى ئىدارىسى ئاۋىئاتسىيە باشقارمىسىنىڭ قوراللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ۋە غازىئانتەپ ئايرودرومىغا بېرىش ئۈچۈن خاتاي ئايرودورومىدىن يولغا چىققان تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ غازىئانتەپ نۇرداغى ناھىيەسى كارتال يېزىسىدا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، 2 ئۇچقۇچىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەلى يەرلىكايا ۋەقەدە بىر تېخنىك ساقچىنىڭمۇ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلى يەرلىكايا قەھرىمان ئۇچقۇچىلارغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە يارىلانغان ساقچىغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەپ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساقچى تەشكىلاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر