ئاستانا يىغىنى ئاخىرلاشتى

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت يىلدىز قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ كاپالىتى ئاستىدا تەشكىللەنگەن ئاستانا مۇنبىرىنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىدا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئورتاق ئىرادە كۆرسىتىشنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2093478
ئاستانا يىغىنى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەيئىتىگە باشچىلىق قىلغان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت يىلدىز قازاقىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا تۈنۈگۈن (24-يانۋار) باشلانغان ۋە بۈگۈن (25-يانۋار) ئاخىرلاشقان «سۈرىيە» تېمىلىق 21-قېتىملىق ئاستانا يىغىنى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرغا جاۋاب بەردى.

ئۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا سىياسىي مۇساپىنى ئىلگىرىلىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە ھەيئىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى باشلىشىنى ۋە سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى.

ئۇ ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا، ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ سۈرىيەگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىدىن ھېس قىلىنغان ئەندىشەلەرنىمۇ تىلغا ئالغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى، شۇڭا دەمەشىق ھاكىمىيىتىنىڭ ياردەملەرنى يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە ئايرىمىچىلىق قىلماسلىقىنى، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان شەرتلەرنى قويماسلىقى كېرەكىلىكىنى تەكىتلىگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ كېيىنكى قېتىملىق يىغىننىڭمۇ ئاستانادا ۋە مۇشۇ يىل (2024) ئىچىدە ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر