ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن (24-يانۋار) تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.

2092539
ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسى تۈركىيەنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، پايتەخت ئەنقەرەدە 8-قېتىملىق تۈركىيە-ئىران ئالىي سەۋىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا، تۈركىيە-ئىران مۇناسىۋەتلىرى بارلىق تەرەپلىرى بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن بېسىشقا تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

 «ئۇچرىشىشلاردا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنلىرىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون، شۇنداقلا دۇنياۋى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ. يىغىن ۋەسىلىسى بىلەن، مۇناسىۋەتلەرنىڭ كېلىشىملەردىن پەيدا بولغان ئاساسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ھەر خىل ھۆججەتلەرمۇ ئىمزالىنىدۇ.»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر