ئالپەر گەزەرئاۋجى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن سالام يوللىدى

تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى: «دۆلىتىمىزنى ئالەم تەتقىقاتى ساھەسىدە ھەقلىق بولغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

2092532
ئالپەر گەزەرئاۋجى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن سالام يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالپەر گەزەرئاۋجى ئىنستېگرام ئادرېسىدا ئۇلارنى ئېلىپ ماڭغان كاپسۇل توختىغاندىن كېيىن، باشقا يولۇچىلار بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى ھەمبەھرلىدى.

ئالپەر گەزەرئاۋجى خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، كىچىك بىر دۇنيا بەرپا قىلغانلىقىنى ۋە كائىناتنى يورۇتۇپ بېرىدىغان نۇرغۇن سىناقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.  

ئالپەر گەزەرئاۋجى: «بىز بۇ تەجرىبىلەرنى ئۆزىمىز بىۋاستە باشتىن كەچۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى ئالەم تەتقىقاتى ساھەسىدە ھەقلىق بولغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتىمىز. ئالەم بوشلۇقىدىن ھەممىڭلارغا سەمىمىي سۆيگۈ ۋە سالاملىرىمنى يوللايمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر