تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يېتىپ باردى

ئالپەر گەزەرئاۋجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان Axiom-3 (Ax-3) ئەترىتى ئۈچۈن خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

2091283
تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئالەم پونكىتى«Axiom Space» دە، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان Ax-3 ئەترىتى ئۈچۈن تەييارلانغان قارشى ئېلىش مۇراسىمى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىلدى.

ئالپەر گەزەرئاۋجى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە: «بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تارىخىمىزدا تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىقتۇق. ئىلىم-پەنگە ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىگە تۆھپە قوشۇشنى سەبىرسىزلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ۋە بىزلەرگە ئامانەت قىلغان غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئۇنىڭ قورالداشلىرىغا ھەمدە بۇ ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان بارلىق شېھىتلىرىمىزگە شۇنداقلا كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن بىزنىڭ بۇ يەرگە قەدەم بېسىشىمىزنى ئىشقا ئاشۇرغان دۆلىتىمىزگە ۋە مىللىتىمىزگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. كەلگۈسى كۆكلەردىدۇر» دېدى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، ئەترەتكە خەلقئارا ئالەم ئۇچقۇچىسى سىمۋوللۇق ئوردىن تەقدىم قىلىندى.

خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى ئېكىسپېدىتسىيە 70 - ئەترىتى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان Ax-3 ئەترىتىنى پونكىتتا قارشى ئالدى.

تەخمىنەن 36 سائەت داۋاملاشقان ئالەم بوشلۇقى سەپىرىدىن كېيىن، تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى گەزەرئاۋجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان Ax-3 ئالەم كېمىسى تۈنۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى 13:42 دە خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يېتىپ بارغان ئىدى.

ئالپەر گەزەرئاۋجى 14 كۈن ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇش جەريانىدا 13 ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.

ئالپەر گەزەرئاۋجى ئالەم بوشلۇقىدىن پات-پات دۇنياغا خىتاب قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى تەجرىبىلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ۋەزىپە تاماملانغاندىن كېيىن، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئەجدىرھا كاپسۇلى بىلەن بېكەتتىن ئايرىلىدۇ.

ئەجدىرھا كاپسۇلى ئاتموسفېراغا كىرگەندىن كېيىن، پاراشوتىنى ئېچىپ ئورلاندو دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر