ئالەم كېمىسىنىڭ مەنزىلىگە مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىپ بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

SpaceX شىركىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ سەپدىشى ئولتۇرغان ئالەم كېمىسى 19-يانۋار ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدىن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 16:49 دە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.

2091150
ئالەم كېمىسىنىڭ مەنزىلىگە مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىپ بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: SpaceX شىركىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ سەپدىشى ئولتۇرغان ئالەم كېمىسى 19-يانۋار ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدىن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 16:49 (تۈركىيە ۋاقتى 00:49) دە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.

ئەجدىھا ئالەم كېمىسى تەخمىنەن 36 سائەتلىك ئالەم بوشلۇقى ساياھىتىدىن كېيىن، خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يېتىپ بارىدۇ. كېمىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا چېتىلىش ۋاقتى تۈركىيە ۋاقتى 12:27 گە ئۆزگەرتىلدى. شۇنداق بولغاندا،  ئەجدىھا ناملىق مەزكۇر ئالەم كېمىسى مۆلچەردىكىدىن 48 مىنۇت بۇرۇن نىشانىغا يېتىپ بارغان بولىدۇ.

بۈگۈن (20 – يانۋار، 2024) تۈركىيە ۋاقتى سائەت 14.30 دە، گەزەرئاۋجى خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى باشقا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدۇ ۋە ئۇ ئالەم پونكىتىدىكىلەرگە ئېلىپ بارغان سوۋغاتلىرىنى بېرىدۇ.

گەزەرئاۋجى ۋە گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، رۇسىيەلىك، ئامېرىكالىق، ياپونىيەلىك ۋە دانىيەلىكلەردىن تەركىپ يەتتە كىشى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى سانى 11 گە يېتىدۇ.

ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى بىلەن «تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن گەزەرئاۋجى، 14 كۈن بويىچە خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا تۇرۇپ، يەرنىڭ مىكرو تارتىش كۈچى، ئالەم بوشلۇقىدا ئىنسان سالامەتلىكى، تۇز كۆلى ئۆسۈملۈكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا تەتقىق قىلىنىشى ۋە نۆل تارتىش كۈچى مۇھىتىدا قاتتىق ۋە سۇيۇقلۇق ئارىلاشمىلىرىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق 13 ئوخشىمىغان تۈردە ئىلمىي تەجرىبە ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر