ئەلى يەرلىكايا گېرمانىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن مىنىستىرلىقلار ئارا ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار، قوشۇمچە يۇرت مىنىستىرى نانسي فائېسېر بىلەن تېلېفونلاشتى.

2090268
ئەلى يەرلىكايا گېرمانىيەلىك مەنسەپدىشى بىلەن مىنىستىرلىقلار ئارا ھەمكارلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئەلى يەرلىكايا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا مىنىستىر فائېسېر بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «ھۆرمەتلىك مىنىستىر بىلەن ئىچكى بىخەتەرلىك، ئاپەت، تېررور، تەشكىللىك جىنايى قىلمىشلار، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە تەرتىپسىز كۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش قاتارلىق مىنىستىرلىقلىرىمىز ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر