ئەردوغان تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەتلىك ئالەم پىروگراممىسىنىڭ تۇنجى قەدىمى بولغان «ئالەمگە ئادەم چىقىرىش ۋەزىپىسى» دائىرىسىدە، بۈگۈن كەچتە خەلقئارا ئالەم پونكىتى (ISS) غا يوللىنىدىغان تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

2089529
ئەردوغان تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى جەريانىدا تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈشتى.

ئۇ ئالپەر گەزەرئاۋجىدىن: «سىز ئالەم قاتنىشى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان تۇنجى پۇقرامىز بولىسىز، مىللىتىمىزنى ھەقىقەتەن پەخىرلەندۈرىسىز، بۇ ۋەزىپىگە تەييارمۇسىز؟» دەپ سورىدى.

ئالپەر گەزەرئاۋجى بۇ ۋەزىپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئورۇنلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بۇ ۋەزىپە ھەم ئىلمىي ۋەزىپىدۇر، ھەم ئەۋلادلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى بولىدىغانلىقى نۇقتىسىدىنمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئىنشائاللاھ بۇ يېڭى باشلىنىش بولغۇسى. بۇ ۋەزىپىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرىمىز، نىشاننى ھەر دائىم تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىمىز، سىزگە ۋە خىزمەتداشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن، بۇ ۋەزىپىنى بىخەتەر تاماملىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاللاھ سىزگە يار ۋە ياردەمچى بولسۇن، ئاقيول بولسۇن» دېدى.

ئالپەر گەزەرئاۋجىمۇ: «كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئارزۇيىمىزنى چەكلەيدىغان بۇ پەردىنى ئېچىپ تاشلاشقا ۋەسىلە بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە مىننەتدارمىز، كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر