كاچىر: ئالەم ئۇچقۇچىسى گەزەرئاۋجى تۈرك ياشلىرىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىر تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم سەپىرى ۋە تەتقىقاتىنىڭ تۈرك ياشلىرىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2089086
كاچىر: ئالەم ئۇچقۇچىسى گەزەرئاۋجى تۈرك ياشلىرىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر كاچىر تۈركىيەنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا ئادەم يوللاش پىلانى توغرىسىدىكى يازما باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خۇشاللىنىۋاتقانلىقى، ھاياجانلانغانلىقى ۋە ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كاچىر 17-يانۋارنى 18-يانۋارغا تۇتاشتۇرىدىغان كېچە ئامېرىكانىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننىدى ئالەم مەركىزىدىن خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قاراپ يولغا چىقىدىغان تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى گەزەرئاۋجىنىڭ ئۇ يەردە 13 ئىلمىي تەجرىبە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شۇنداق قىلىپ، بىز تۈرك پەن-تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئالەم ئىلمى ساھەسى تەتقىقاتىدا يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويىمىز. ئالپەر گەزەرئاۋجى تۈركىيە ياشلىرى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ئىلھام مەنبەسى بولىدۇ. ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلكىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ئالەم بوشلۇقى پىلانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى، سۆيۈملۈك مىللىتىمىزنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئاسماندىن ھالقىتىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر