تۈركىيە پەلەستىنگە جەمئىي 12 ئايروپىلان ۋە 3 پاراخوتتا لىق ياردەم بويۇملىرى يوللىغان بولدى
تۈركىيەدىن پەلەستىنگە 109 يۈك ئاپتوموبىلىدا لىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى يەتكۈزمەكچى بولغان پاراخوت مېرسىن خەلقئارا پورتىدىن يولغا چىقتى.
2084253
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاپەت ۋە جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، مەرسىن ۋالىي مەھكىمىسى ۋە 29 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ قوللىشى بىلەن تەييارلانغان 2 مىڭ 334 توننا يېمەكلىك، تازىلىق ۋە پاناھلىنىش بويۇملىرى قاچىلانغان 109 يۈك ئاپتوموبىلى مەرسىن پورتىدىكى <Bestekar> ناملىق پاراخوتقا يۈكلەندى.
تۈركىيە پەلەستىنگە 13-ئۆكتەبىردىن بۇيان 12 ئايروپىلان ۋە 3 پاراخوت ياردەم بويۇملىرى يوللىغان بولدى.