تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدا ئۈن-سىن سىياسىتى ۋە ئۇچۇر ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالاندى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۈن-سىن سىياسىتى ۋە ھۆكۈمەت ئالاقىسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كېلىشىمنىڭ پايدىلىق بولۇشىنى تىلىدى.

2078110
تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدا ئۈن-سىن سىياسىتى ۋە ئۇچۇر ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدىكى يازمىسىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننىڭ ھۇزۇرىدا ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سىججارتو بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

فاھرەتتىن ئالتۇن: «كېلىشىم ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئاخبارات، ئۇچۇر - ئالاقە ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى، ئەڭ ياخشى پىروگراممىلار ۋە ئەڭ ياخشى تەجرىبىلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، مەنپەئەتلىك پىكىر ۋە لايىھەلەردە ھەمكارلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. تۈركىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۈن-سىن سىياسىتى ۋە ھۆكۈمەت ئالاقىسى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كېلىشىمنىڭ پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر