خاقان فىدان كانادادا غەززە مەسلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇمىنى توختىتىش ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش دائىرىسىدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى بىلەن كانادادا مۇزاكىرىلەرتدە بولدى.

2074637
خاقان فىدان كانادادا غەززە مەسلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خاقان فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتى دائىرىسىدە كانادانىڭ ئوتتاۋا شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.

خاقان فىداننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا تەۋە خەلقئارا تەشەببۇسلارنى يولغا قويۇۋاتقان ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئوتتاۋادا كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ۋە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى بىلەن كۆرۈشتى.

خاقان فىدان كانادا زىيارىتىدىن ئىلگىرى يەنە ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىشلاردا بولغان ئىدى.

خاقان فىدان ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى  يالىڭاچ ۋە تولۇق بىر شەكىلدە ئاڭلاتقانلىقىنى ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىسيانىنىڭ  باياناتچىسى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر