غەززەدىن تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان 130 تۈركىيە پۇقراسى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى مىسىر ئارقىلىق ئىستانبۇلغا كەلدى.

2072594
غەززەدىن تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «رەفاھ چېگرا ئېغىزى» دىن مىسىرغا ئۆتكەن تۈركىيە پۇقرالىرى ئولتۇرغان ۋە قاھىرە ئايرودۇرۇمىدىن قوزغالغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

ئايرودۇرۇمدا ئۇلارنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىللىرى بىلەن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرى قارشى ئالدى.

پاسپورت تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، بىر قىسىم پۇقرالار مەخسۇس ئاپتوموبىللار بىلەن ئايرودۇرۇمدىن ئايرىلدى. باشقا ۋىلايەتلەرگە بارىدىغان پۇقرالار بولسا، ئاپتوبۇس بىلەن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مېھمانخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى غەززە رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان «ئەلمەغازى مۇساپىرلار لاگېرى» غا قىلغان ھۇجۇمىدا تۆت بالىسى ۋە ئۈچ قېرىندىشى ئۆلۈپ كەتكەن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئوپېراتورى مۇھەممەد ئەلئەلۇل، ئۇنىڭ يارىدار ئايالى ۋە بىر بالىسىمۇ ئىستانبۇلغا كەلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ غەززەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ژۇرنالىستلارنىڭ ھايات قالغان ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلغا كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر