سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى  6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2071747
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«بىردىنبىر نىشانى رايوننى قانغا بوياش بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلارغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. تېررورچىلار ئۆزلىرى كولىغان خەندەكلەرگە كۆمۈلۈشتىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋامىدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىباشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورچىلار پاناھلىنىۋاتقان غار، پاناھ جاي ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرى قاتارلىق 16 نىشان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان  باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك  ۋە باشقا تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىن تۈركىيە ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش، چېگرا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51-ماددىسىدىكى قانۇنلۇق قوغدىنىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ھاۋا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«2023-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 18.30 دا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا، مەتىنا، ھاقۇرۇق ۋە قەندىل رايونلىرىدا تۇرۇشلۇق تېررورلۇق نىشانلىرىغا قارشى ھاۋا ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. ھاۋا ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ك ج ك نىڭ كاتتىباشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورچىلار پاناھلىنىۋاتقان غار، پاناھ جاي ۋە ئوق-دورا ئىسكىلاتلىرى قاتارلىق 16 نىشان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى، كۆپ ساندا تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. ئەزىز خەلقىمىزنىڭ  پىداكار ئەۋلادلىرى بولغان قەھرىمان قىسىملىرىمىز،  ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانغا قەدەر تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرىدۇ.»

«ھاۋا ھەرىكەتلىرى جەريانىدا بىگۇناھ پۇقرالار، دوست دۆلەتلەرنىڭ قىسىملىرى، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەم مۇھىتنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەر قوللىنىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر