ئەردوغان ب د ت مۇھىت كېلىشىمى كونفېراسغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇبەيگە يېتىپ باردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييپ ئەردوغان 28-قېتىملىق ب د ت مۇھىت كېلىشىمى تەرەپلەر كونفېرانسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇبەيگە يېتىپ باردى.
2071200
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى مۇھىت كېلىشىمى 28-قېتىملىق تەرەپلەر كونفېرانسى (COP28) غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يېتىپ باردى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى دۇبەي خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن ئەمىرى شەيخ مەنسۇر بىن زايىد ئالناھيان كۈتۈۋالدى.