تۈركىيە ئەمەلدارلىرى قاھىرە، ئەلئەرش ۋە رەفاھ چېگرا ئېغىزى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياسىن ئەكرەم سەرىم بىلەن مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇنىر كارالئوغلۇ غەززەگە ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە مىسىرنى زىيارەت قىلدى.

2069637
تۈركىيە ئەمەلدارلىرى قاھىرە، ئەلئەرش ۋە رەفاھ چېگرا ئېغىزى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەرىم بىلەن مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كارالئوغلۇ مىسىرنى زىيارەت قىلغان.

ئۇلار قاھىرەدە مىسىر مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، مىسىر قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى ۋە مىسىر ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى يېتىپ بارغان ئەلئەرش شەھىرى ۋە پۇقرالار تارقاقلاشتۇرۇلۇۋاتقان رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى زىيارەت قىلغان.

كىرىزىس باشلانغاندىن بۇيان رەفاھ چېگرا ئېغىزىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيەنىڭ قاھىرەدىكى ئەلچىخانىسى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن سەرىم بىلەن كارالئوغلۇ، تارقاقلاشتۇرۇلغان تۈركىيە پۇقرالىرىنى چېگرادا كۈتۈۋالغان.

مۇئاۋىن مىنىستىر سەرىم رەفاھ چېگرا ئېغىزىدا غەززەدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان؛ ئۇ كىرىزىس باشلانغاندىن بۇيان، تۈركىيەنىڭ دىققىتىنى غەززەدىكى كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇ يەردىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىق سەھنىلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن.

مىنىستىر سەرىم مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ھەمكارلىق روھىغا  مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ: «غەززەدە تارقاقلاشتۇرۇلۇشنى كۈتۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بار. بىز ئۇلارنىڭمۇ (رايوندىن) بالدۇرراق چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

تۈركىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆزىگە لايىق تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۈچىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سەرىم: «مەن 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان ھەقىقەتنى نامايان قىلىش يولىدا قىيىن شارائىت ئاستىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ژۇرنالىست قېرىنداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر