فىدان لوندون ۋە پارىژدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان لوندون ۋە پارىژدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2067239
فىدان لوندون ۋە پارىژدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 11-نويابىر كۈنى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىقىرىلغان قارار دائىرىسىدە قۇرۇلغان ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە، غەززە رايونىدا بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان جىددىيچىلىككە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن، لوندون ۋە پارىژدا زىيارەتتە بولىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:   

«2023 – يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا غەززە مەسىلىسىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەقسىتىدە چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيە، پەلەستىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندونېزىيە، مىسىر، ئىيوردانىيە، قاتار ۋە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا، ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئىشلەش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز خاقان فىدان مەزكۇر ئورتاق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار دائىرىسىدە ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 2023 – يىلى 22 – نويابىر كۈنى لوندون ۋە پارىژدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر