فىدان لوندون ۋە پارىژدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان  لوندون ۋە پارىژدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

2066746
فىدان لوندون ۋە پارىژدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 11-نويابىر كۈنى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىقىرىلغان قارار دائىرىسىدە قۇرۇلغان ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە، غەززە رايونىدا بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان جىددىيچىلىككە خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن، لوندون ۋە پارىژدا زىيارەتتە بولىدۇ.

خاقان فىدان 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، مىسىر، ھىندونېزىيە، نىگېرىيە، پەلەستىن قاتارىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە، لوندوندا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك بىلەن، پارىژدا  فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمە باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ۋە رۇسىيەدە ئۇچرىشىشلاردا بولىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى تۈنۈگۈن (20-نويابىر) خىتاي بولغانىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ  بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، 13 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر