فاھرەتتىن ئالتۇن ئەردوغاننىڭ گېرمانىيەدىكى سۆزلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئەردوغاننىڭ دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدىكى زۇلۇملارغا قارشى ئاۋازىنى جاراڭلىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

2065982
فاھرەتتىن ئالتۇن ئەردوغاننىڭ گېرمانىيەدىكى سۆزلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن يالغۇز پەلەستىن ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدىكى زۇلۇملارغا قارشى ئاۋازىنى جاراڭلاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىزىپ بەرگەن يولدا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدىكى يازمىسىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ جۈمە كۈنى گېرمانىيەدە قىلغان سۆزلىرى ھەققىدە توختالدى.

فاھرەتتىن ئالتۇن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زامان، ماكان ۋە سۆھبەتداش ئايرىپ ئولتۇرماستىن، ھەقىقانىيەتنى سۆزلەشتە قەتئىي ئىككىلەنمىگەنلىكىنى، گېرمانىيەدىكى سۆزلىرى بىلەن ئادالەت ۋە ھەقىقانىيەتنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

فاھرەتتىن ئالتۇن: «يالغۇز غەززە ۋە پەلەستىن ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەممىلا جايلىرىدىكى زۇلۇملارغا ۋە ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى ھېساب سۇقۇشتىن ئۇزاق بىر شەكىلدە ئاۋازىنى جاراڭلاتقان،  تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز سىزىپ بەرگەن شۇنداقلا رەھبەرلىك قىلغان يولدا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تىرىشىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر