تۈركىيە نېتانياھۇ ۋە كوھېننىڭ تۆھمەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلى كوھېننىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2064966
تۈركىيە نېتانياھۇ ۋە كوھېننىڭ تۆھمەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتانىياھۇ ۋە ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوھېننىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا قىلغان تۆھمەتلىرى» توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، پەلەستىن خەلقىگە يۈرگۈزگەن «زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلار بىلەن تارىخنىڭ قارا سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان» ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ قانۇن ھەققىدە سۆزلەش ھوقۇقى يوقلۇقى تەكىتلەندى.

«ھەقىقەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن بىئارام بولغان بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە ئېلى كوھېننىڭ جۇمھۇر رەئىسىمىز ھەققىدىكى تۆھمەتلىرى، ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرالمايدۇ... ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىدا قانۇنلۇقلۇقىنى ئاللىقاچان يوقاتقان ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا دوختۇرخانىلارنى بومباردىمان قىلىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت جىنايەتلىرىنى يوشۇرالمايدۇ ۋە دىققەتنى باشقا ياققا بۇرىيالمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا يەنە: «دۇنيا جامائەتچىلىكىدە كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەت پەيدا قىلغان بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ كۈشكۈرتكۈچىلىرى ۋە سادىر قىلغۇچىلىرى ھامان بىر كۈنى سوتلىنىدۇ. تۈركىيە غەززەدىكى قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەر قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر