گۈلەر: مۇشۇ يىل ئىچىدە 1868 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر تۈركىيەنىڭ بۇ يىلقى چېگرا ھالقىغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 1868 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2065186
![گۈلەر: مۇشۇ يىل ئىچىدە 1868 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/eda5/4334/a242/6523c034abfd5.jpg?time=1718380550)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر مىنىستىرلىقنىڭ مەجلىس پىلان ۋە خامچوت كومىسسىيونىنىڭ <مىنىستىرلىقنىڭ خامچوت پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش> يىغىنىدىكى سۆزىدە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «2015-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇيان دۆلەت ئىچى، ئىراق ۋە سۇرىيەنىڭ شىمالىدا بولۇپ، 39 مىڭ 211 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 1868 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718380550)
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.