ئەردوغان ئىتالىيەدە

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ برىندىسى شەھىرىگە يېتىپ باردى.

2153183
ئەردوغان ئىتالىيەدە
erdogan g7 italya.jpg
g7 erdogan lula da silva.jpg
g7 erdogan-kral guterres.jpg
g7 erdogan-kral abdullah.jpg
g7 erdogan-meloni.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى برىندىسى ئايرودۇرۇمىدا دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، تۈركىيەنىڭ رىمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۆمەر گۈچۈك، تۈركىيەنىڭ ۋاتىكان باش ئەلچىسى ئۇفۇق ئۇلۇتاش، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ رىم ۋە ۋاتىكان ئەلچىخانالىرى مەسئۇللىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چاغاتاي ئۆزدەمىرمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئىتالىيەگە يېتىپ باردى.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن ئىتالىيەگە بارغان رەھبەرلەرنى بىر-بىرلەپ قارشى ئالدى.

      جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن ئىتالىيەگە يېتىپ بارغان چاغدا مېلونى بىلەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا سالام قىلدى.

ئەردوغان كېيىنچە 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ «ئافرىقا ۋە ئاقدېڭىز  - سۈنئىي ئەقىل»، «ئېنېرگىيە» تېمىلىق ئولتۇرۇشىغا قاتناشتى.

خاتىرە سۈرەتكە چۈشىدىغان ۋە بىرقاتار ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە بىرەسمىي كەچلىك تاماق زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر