تۈركىيە ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 85 - خاتىرە يىلىنى تەبرىكلىمەكتە

بۈگۈن تۈركىيە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 85 – خاتىرە يىلىنى تەبرىكلىمەكتە...

2062893
تۈركىيە ئاتاتۈرك ۋاپاتىنىڭ 85 - خاتىرە يىلىنى تەبرىكلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ۋە سىياسىي تالانتى بىلەن ئىسمىنى تۈرك ۋە دۇنيا تارىخىغا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يازدۇرغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، 1938- يىلى 11 - ئاينىڭ 10- كۈنى ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى پۈتۈن تۈركىيەدە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ۋە تۈركىيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىدا مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ خاتىرىلىنىدۇ.

پائالىيەتلەر دائىرىسىدە، دۆلەت ئەربابلىرى پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى — ئانىتقابىرنى زىيارەت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاتاتۈركنىڭ مەقبەرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى.

ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى ئالاھىدە دەپتىرىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ: «ھۆرمەتلىك ئاتاتۈرك، ۋاپات بولغانلىقىڭىزنىڭ 85 – خاتىرە يىلىدا يەنە بىر قېتىم سەپداشلىرىڭىزنى، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان قەھرىمان شېھىتلىرىمىزنى ۋە ئوخشاش غايە يولىدا قېنىنى ئېقىتقان غازىلىرىمىزنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە، تۈركىيە ئەسىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەسىرلىك نىشاانلىرىغا ھېچقانداق كۈچ توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ» دەپ يازدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئانىتقابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان رەسمىي مۇراسىمغا ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدىكى خاتىرىلەش پىروگراممىسىغا قاتنىشىدۇ.

نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كەمال ئاتاتۈركنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

قۇرتۇلمۇش ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلغان تېلېگراممىسىدا: «تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ بىرىنچى رەئىسى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىدا ھۆرمەت بىلەن خاتىرىلەيمىز. روھى شاد بولسۇن! سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىز ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان بارلىق شېھىتلىرىمىزنىڭ، ۋە ئالەمدىن ئۆتكەن پۈتكۈل غازىلىرىمىزنىڭ ماقاملىرى ئۈستۈن، ماكانلىرى جەننەت بولسۇن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن  بەردى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلمازمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئاتاتۈركنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلىدى.

جەۋدەت يىلماز ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلغان بارلىق شېھىتلەر ۋە غازىلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مىللىي تاشقى سىياسىتىمىز بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىش ئىرادىىمىزنى بىر قېتىم تەكىتلەيمەن. غازى مۇستاپا كامال قاتارلىق ئازادلىق ئۇرۇشىمىزنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى سېغىنىش ۋە مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمەن» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئاتاتۈركنى ياد ئېتىپ: «بىزگە بۇ زېمىنلارنى ۋەتەن قىلىپ بەرگەن بارلىق قەھرىمانلىرىمىزنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمەن» دېدى.

دىنىي ئىشلار باشقارمىسىمۇ تېلېگرامما تارقىتىپ، ۋاپاتىنىڭ 85 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلىدى.

باشقارمىنىڭ 10 – نويابىر ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان تېلېگراممىسىدا، قۇرۇلۇشىنىڭ 100 – يىلىغا قەدەم باسقان جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ۋپاتىنىڭ 85 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق بىلەن خاتىرىلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

تېلېگراممىدا: «زور قۇربانلىقلار بەدىلىگە قولغا كەلتۈرۈلۈپ بىزگە ئامانەت قىلىنغان جەننەت ۋەتىنىمىز ۋە قىممەت – قارىشىمىزنى كۈچەيتكەن ھالدا كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشنى قەھرىمان ئەجدادلىرىمىز ۋە شانلىق تارىخىمىز ئالدىدىكى بۇرچىمىز دەپ قارايمىز. شەرەپلىك ئۆتمۈشنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىپىمىز مەدەنىي قىممەت قارىشىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە مىللىتىمىزنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساپ مىراسىنى كەلگۈسىگە يەتكۈزۈشتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر