ئەردوغان بەردىمۇھەممەدوۋنى رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى

تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە يېتىپ كەلدى.

2056433
ئەردوغان بەردىمۇھەممەدوۋنى رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى
Serdar Berdimuhammedov-Erdogan1.jpg
Serdar Berdimuhammedov-Erdogan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ كۈتۈۋالدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئايرىم ۋە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئارا يىغىنلىرىدىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ.

ئەردوغان بىلەن بەردىمۇھەممەدوۋ ئىمزا مۇراسىمىدىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە پىرېزىدېنت سەردار بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ شەرىپىگە رەسمىي كەچلىك زىياپەت بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر