«2023 – يىللىق مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك» مانېۋىرىنىڭ ۋىدېئوسى ئېلان قىلىندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجان – تۈركىيە ئارمىيەلىرى ئۆتكۈزگەن «2023 – يىللىق مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرنىڭ ۋىدېئوسىنى ئېلان قىلدى.
2055678
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ۋىدېئودا، بىرلەشمە مانېۋىر داۋامىدا، تۈركىيە – ئەزەربەيجان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ سىمۋوللۇق دۈشمەن نىشانلىرىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«بىز خۇددى ئىككى تەندىكى بىر جانغا ئوخشايمىز. زۆرۈر تېپىلغاندا، بىز بىرلا مۇشتقا ئايلىنىمىز. ئەزەربەيجانلىق تۈرك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن <2023 – يىللىق مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك> ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرىمىز داۋامىدا، قەھرىمان ئەسكەرلىرىمىز بىزنى چەكسىز ئىپتىخارلىققا چۆمدۈردى. ئىتتىپاقلىقىمىز، بىرلىكتە گۈللىنىشىمىز ۋە ھەمدەملىشىپ قۇدرەت تېپىشىمىز دائىم بولغاي.»