يەرلىكايا گىرېتسىيە كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىق ئىشلىرى مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا گىرېتسىيە كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىق ئىشلىرى مىنىستىرى دىمىترىس كايرىدىس بىلەن كۆرۈشتى.

2055218
يەرلىكايا گىرېتسىيە كۆچمەنلەر ۋە پاناھلىق ئىشلىرى مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر يەرلىكايا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ تۈنۈگۈن ئەتىگەن پايتەخت ئەنقەرەدە كايرىدىس بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېلىشىمنىڭ مىنىستىر يەرلىكايانىڭ ئۇچۇرى بىلەن بىرلىكتە تارقىتىلغان ئىككى تەرەپ چۈشىنىش ھاسىل قىلغان تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىلىرىدا: «ھەر ئىككى مىنىستىر كۆچمەنلەر ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەشتە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا كېلىشتى. ئۇلار يەنە تەرتىپسىز كۆچۈشكە قارشى كۈرەش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر