ئەردوغان سىسى بىلەن پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى بىلەن تېلېفونلاشتى.

2053874
ئەردوغان سىسى بىلەن پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت سىسى تېلېفونلىشىپ، كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە - پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى بىگۇناھ پۇقرالارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، پەلەستىن زېمىنلىرىغا قارىتىلغان رەھىمسىزلىكنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە ئىبادەت ئورۇنلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلىشىنىڭ غەززەدىكى ئوتنى ئۇلغايتىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەمدە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى ۋە سەھىيە مۇلازىمىتىنى تېزدىن يەتكۈزۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر