ئەردوغان ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2050585
ئەردوغان ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەب بولۇۋاتقان رايوندىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە، تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار ۋە بۇ ھەقتە تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غەززە رايونىدىكى بىگۇناھ پۇقرالار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ تۈركىيەنىڭ رايون ئاھالىسىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىشقا پايدىسىز قەدەملەرنى تاشلاشتىن يىراق تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، كىرىزىسنىڭ ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈركىيەنىڭ مەسىلىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش تەسەۋۋۇرى – تەدبىرى ئاساسىدا ھەل قىلىش تەكلىپلىرىگە قۇلاق سېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتقان، ھەمدە سەمىمىيلىك بىلەن قەدەم تاشلىغاندىلا ئاندىن ھەم رايوننى ھەم دۇنيانى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغان بىر ھەل قىلىش چارىسى تاپقىلى بولىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر